تالىبان گۆرۈگە ئېلىۋالغان 235 پۇقرا قويۇپ بېرىلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان سارئى پۇل ۋىلايىتىدە تالىبان تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 235 پۇقرا قويۇپ بېرىلدى.

786670
تالىبان گۆرۈگە ئېلىۋالغان 235 پۇقرا قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارئى پۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ ئامانى، تالىبان ئەزالىرىنىڭ يېقىندا سارئى پۇلنىڭ مىرزاۋلاڭ رايونىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىپ، 30 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 235 پۇقرانى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى خاتىرىلەتكەندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ قولىدىكى مەزكۇر پۇقرالارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ سارئى پۇلنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىرزاۋلاڭغا ھۇجۇم قىلغان تالىبان تەشكىلاتىغا دائېش ئەزالىرىنىڭمۇ ياردەم قىلغانلىقى، رايوندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تالىبان، مىرزاۋلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن 30 كىشىنىڭ يېزا مۇھاپىزەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى، پۇقرالارنى قەتل قىلىشنىڭ جاۋابسىز قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر