رۇسىيە بىلەن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر كېلىشىم تۈزدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ  رۇسىيە بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭسۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدە يېڭى «سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» تەشكىل قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

783090
رۇسىيە بىلەن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونېشېنكوۋ رۇسىيەنىڭ «‹ Rossiya 24 › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ھۇمۇسنىڭ شەرقىدە شەكىللەندۈرۈلىدىغان سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدا شۇ جاي ۋاقتدا سائەت 12 دىن ئېتىبارەن ئۇرۇش توختىتىلىدىغانلىقىنى، رايوننىڭ 147 مىڭ كىشى ياشاۋاتقان 84 ئولتۇراق مەھەللىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۇمۇسنىڭ شىمالىدا ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى بىلەن سۈرىيەلىك مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا 31 – ئىيۇل مىسىرنىڭ پايتەخت قاھىرىدە چاقىرىلغان يىغىندا تۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كوناشېنكوۋ، يېڭى سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدىكى كونترول نۇقتىلىرىدا 4 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھۇمۇسنىڭ شىمالىدىكى بارلىق كېسەللەر ۋە يارىدارلار رۇس ھەربىي دوختۇرخانىلىرىدا ياكى سۈرىيەنىڭ تىببىي مەركەزلىرىدە داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۆكتىچىلەر سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدىن ئۆتىدىغان ھۇمۇس – ھاما يولىدىن چېكىنىدۇ.»

سۈرىيەدە  جەمئىي 4 سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى شەكىللەندۈرۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كوناشېنكوۋ،  سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىىدا ۋە شەرقىي گۇتادا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر