گېرمانىيەدە بىر كېچىلىك كۇلۇب قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ كونستانز شەھىرىدە 34 ياشلىق بىر كىشى بىر كېچىلىك كۇلۇبقا قوراللىق ھۇجۇم قىلدى...

780186
گېرمانىيەدە بىر كېچىلىك كۇلۇب قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ كونستانز شەھىرىدە 34 ياشلىق بىر كىشى بىر كېچىلىك كۇلۇبقا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، كەم دېگەندە بىر ئادەمنى ئۆلتۈردى، 3 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار بىلەن ھۇجۇمچى ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا، بىر ساقچى يارىلاندى. ساقچىلار توقۇنۇش جەريانىدا ئېغىر يارىلانغان ھۇجۇمچىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ساقچى تارماقلىرى بايانات بېرىپ، شەھەرگە ئالاھىدە قىسىملارنىڭمۇ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ھۇجۇمچىنىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلىپ – قىلمىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر