ئىران تاشقى پىلانېتقا راكېتا قويۇپ بەردى

ئىران تاشقى پىلانېتقا راكېتا قويۇپ بېرىش سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

779102
ئىران تاشقى پىلانېتقا راكېتا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى پىلانېتقا سۈنئىي ھەمراھ توشۇيالايدىغان راكېتا قويۇپ بەردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار بۇ قېتىمقى سىناق بىلەن يەنە ئىمام ھامانېي تاشقى پىلانېت مەركىزىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان تاشقى پىلانېتقا سۈنئىي ھەمراھ توشۇيالايدىغان راكېتا قويۇپ  بېرىش سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

بۇ راكېتانىڭ نامىنىڭ «سۇمۇرۇغ»ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، «سۇمۇرۇغ سۈنئىي ھەمراھ توشۇيالايدىغان راكېتانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى بىلەن يەنە ئىمام ھامانېي تاشقى پىلانېت مەركىزى رەسمىي ئېچىلدى»دېيىلدى.

خەۋەردە يەنە سۇمۇرۇغ ناملىق راكېتانىڭ 250 كىلوگىراملىق سۈنئىي ھەمراھلارنى 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوربېتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىمۇ بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئىراننىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان راكېتا قويۇپ بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياشاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىران دائىرىلىرىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە، ئىران بولسا ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلماقتا.

بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىران 2012 ۋە 2013-يىللىرىدا تاشقى پىلانېتقا ئىككى قېتىم مايمۇن ئەۋەتكەنلىكىنى، مايمۇنلارنىڭ يەر شارىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىران بۇ يىل مايدا  ئېلان قىلغان باياناتىدا تاشقى پىلانېتقا ئادەم ئەۋەتىشكە تولىمۇ كۆپ چىقىم كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر