تۆت دۆلەت دوھا خىتابنامىسى ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتون بىلەن دوھا تۈنۈگۈن (11-ئىيۇل) ئىمزالىغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش كېلىشىمى پارس قولتۇقىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتمىدى.

769075
تۆت دۆلەت دوھا خىتابنامىسى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئىرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين ئورتاق قاتار خىتابنامىسى ئېلان قىلدى. خىتابنامىدە مۇنداق دېيىلدى:

«قاتار دائىرىلىرى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە رايوندا مۇقىملىق ھەمدە بىخەتەرلىكنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلەپلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلىمىغىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېمبارگولىرىمىز داۋاملىشىدۇ.»

خىتابنامىدە، 11-ئىيۇل قاتار بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تېررورىزمنى ئىقتىساد بىلەن قوللاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ، تۆت دۆلەت ئۇزۇندىن بېرى قاتاردىن بىر قانچە قېتىم «تېررورلۇقنى قوللاشتىن ۋاز كېچىش» دائىرىسىدىكى تەلەپ ۋە بېسىملارنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. خىتابنامىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ قەدەم يېتەرسىزدۇر. قاتار دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇقنى قوللاش، تېررورلۇققا قۇچاق ئېچىش ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەشكە قارشى كۈرەشكە قانچىلىك سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى يېقىندىن كۆزىتىلىدۇ.»

خىتابنامىدە، دوھا ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇقنى قوللىغانلىقى، ئىقتىساد بىلەن ياردەم قىلغانلىقى، ئاشقۇنلارغا قۇچاق ئاچقانلىقى، ئۆچمەنلىك مەزمۇنىدىكى گەپ-سۆزلەرنى يايغانلىقى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قاتارغا قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ختابنامىدە، دوھا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى ھەقىقىي چىن مەنىدە ئاخىرلاشتۇرۇشى، ئادىل ۋە قانۇنىي تەلەپلەرنى ئورۇنلىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە يەنە، تۆت دۆلەتنىڭ قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىگە كۆرسەتكەن سەۋەبلەردىن باشقا، قاتارنىڭ «سەمىمىيلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قاتتىق مېخانىزملار ئورنىتىلماي تۇرۇپ، ھازىرقى سىياسىتىگە تايىنىپ بېرىدىغان ۋەدىلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى» ئەسكەرتىلدى.

پارس قولتۇقىدىكى كىرىزىس 5-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى نەتىجىسىدە باشلانغان ئىدى.

قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن تۆت دۆلەت، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن دوھا ھۆكۈمىتىگە، «تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاش، ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈش ۋە ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيەسىنى تاقاش» قاتارلىق شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 ماددىلىق تەلەپ تىزىملىكىنى سۇنغان ئىدى. دوھا ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق تەلەپنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر