ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى

ياپونىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ھىندىستاننىڭ ھىندى ئوكياندىكى بىرلەشمە مانېۋىرى باشلىدى.

768056
ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندى ئوكياننىڭ بېنگان قولتۇقىدا باشلىغان «مالابار مانېۋىرى» 17 – ئىيۇلدا ئاخىرلىشىدىكەن.

ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان مانېۋىرغا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياماتكىسى نىمىتز، ياپونىيە تىك ئۇچار ئايروپىلان پاراخوتى ئىزۇمو، ھىندىستان ئاۋىياماتكىسى ۋىكرامادىتيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 پاراخوت ئىشتىراك قىلماقتا.

ھىندىستان مۇداپىئە ۋە مالىيە مىنىستىرى ئارۇن جائىتلېي، ماي ئېيىدا ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيوغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتىدە، ياپونىيەلىك مەنسەپدېشى تومومى ئىناداغا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ھەربىي مانېۋىرنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ راۋاجلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مانېۋىرىغا ياپونىيەنىڭ تىك ئايروپىلان پاراخوتى ئىزۇمو، ئۇرۇش پاراخوتى سازانامى بىلەن ئامېرىكىنىڭ USS رونالد رېگان ناملىق ئاۋىياماتكىسى قاتناشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر