ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تەيۋەنگە 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى.

762085
ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە قورال سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغان مەزكۇر ئەمەلدار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان سىياسىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قارارى، تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى ۋە تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئېھتىياجى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا چىقىرىلدى. ئۈچ ئورتاق بايانات ۋە تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنىنى ئاساس قىلىدىغان <بىر خىتاي> سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قورال سېتىشقا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئەمەلدار، پىلاننىڭ تەيۋەننىڭ مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىلغارلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەمەلدار، «تەيۋەنگە قورال سېتىشنىڭ رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ھەسسە قوشىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ تەيۋەن لىدىرىغا تېلېفون قىلىشى بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغانىدى. بۇ قېتىمقى تەيۋەنگە قورال سېتىش قارارىنىڭمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينى قارىمۇقارشى ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر