قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييەنىڭ ئەتە (جۈمە كۈنى) ئەنقەرەدە رەسىمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

761373
قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييەنىڭ ئەتە (جۈمە كۈنى) ئەنقەرەگە كېلىپ، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى؛ ئۇچرىشىشتا، قاتاردىكى تۈركىيە ھەربىي بازىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىلەن پارس قولتۇقى ئەللىرى كىرىزىسىنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قاتاردا ھەربىي بازا قۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمنى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ماقۇللىغان، ئۆتكەن ھەپتە قاتارغا 23 ھەربىي بىلەن 5 دانە بىرونېۋىك ئەۋەتىلگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى پارس قولتۇقى ئەللىرى، ئۆتكەن ھەپتە 13 ماددىلىق تەلەپلىرىنى 5 – ئىيۇندا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغان قاتارغا يەتكۈزگەن بولۇپ، تەلەپلەرنىڭ ئارىسىدا تۈركىيەنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشىمۇ بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر