ئامېرىكا ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

756749
ئامېرىكا ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە 19 كىشى ۋە 19 ئىدارىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى «لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيىتى» بىلەن «دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى» ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىگىلىشى بىلەن، رۇسىيەلىك ئىككى ئەمەلدارنىڭ بولۇشى ئالاھىدە دىققەت تارتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا: «ئامېرىكا تەدبىرلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ھەمراھلىرى بىلەن ئوخشاش يۆنۈلۈشتە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قارار، يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى بۇزۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى لايىھەلەندى» دېيىلدى.

باياناتتا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگولارنى، رۇسىيە مىنسك كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇنلىغىچە؛ قىرىمغا مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگولارنى ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ قىرىم ۋە سىۋاستوپولنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقى سەۋەبىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ 2018-يىلى 23-ئىيۇنغىچە ئۇزارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2014-يىلى مارتتىن باشلاپ رۇسىيەگە ئۇكرائىنادىكى ھەرىكىتى سەۋەبىدىن بىر قاتار ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر