ۋاشىنگىتون بىلەن مارىلەند ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشلىرى ترامپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلانماقتا

ۋاشىنگىتون بىلەن مارىلەند ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشلىرىنىڭ ترامپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

750903
ۋاشىنگىتون بىلەن مارىلەند ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشلىرى ترامپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋاشىنگىتون  بىلەن مارىلەند ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشلىرىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۈستىدە سوتقا ئەرز قىلىشقا تەييار قىلىۋاتقانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋىرىگە قارىغاندا، باش تەپتىشلەردىن كارل ئا. راكىن، بىرايىن ئې. ئېروش پىرېزىدنت دونالد ترامپنى شەخسىي ۋە كوللېكتىپ مەنپەئەتلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىلماسلىق، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن پارا ئېلىش ۋە قانۇنلاردىكى چىرىكلىككە  مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەپ ترامپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلانماقتا.

دونالد ترامپقا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر قاتارىدا ترامپنىڭ مېھماسارايلىرىمۇ ئورۇن ئالىدۇ.

دونالد ترامپنىڭ مېھمانسارايلىرىنىڭ ئۇنىڭ سودا دۇنياسىدىكى مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشتا ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر