«تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمىز»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئېل، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

745389
«تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گابرىئېل رۇسىيەنىڭ ست.پېتىربورگ شەھىرىدە بايانات بېرىپ، تۈركىيەگە قارىتىدىغان دۈشەنبە كۈنىدىكى زىيارەت جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىنجىرلىك بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلاش تەلىپىنىڭمۇ بارلىقىنى، گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى داۋاملىشىۋاتقان باشقا يىرىكچىلىكلەرنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قايتىدىن نورماللاشتۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنى ئىزدەۋاتىمىز» دېدى.

گابرىئېل، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ست.پېتىربورگتىكى ئۇچرىشىشىدىمۇ ئۇكرائىنادىكى دەتالاشلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېل، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرىزىس توغرىسىدا ئۇكرائىنا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە رۇسىيە قاتنىشىدىغان نورماندىيە مۇساپىسىدە ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىسىدە ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر