ئامېرىكا يان كومپيۇتېرنى بارلىق ئۇچۇشلاردا چەكلەشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يان كومپيۇتېرنى بەزى دۆلەتلەردىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان خەلقئارالىق بارلىق ئۇچۇشلاردا چەكلەشنى پىلانلىماقتا.

741159
ئامېرىكا يان كومپيۇتېرنى بارلىق ئۇچۇشلاردا چەكلەشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېلى ئامېرىكىنىڭ «‹ Fox News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «ناھايتى زور تەھدىت» كە دۇچ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېررورىستلارنىڭ بىر ئايروپىلاننى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئالاقىدار تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان كېلى، ئامېرىكىغا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بارلىق ئۇچۇشلاردا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇ ھەقتە يېقىندا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى بىلەنمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مارت ئېيىدا تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 دۆلەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچۇشلاردا، يانفۇندىن چوڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە يان كومپيۇتېرنى ئايروپىلانغا ئېلىشنى چەكلىگەنىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەسىلىنىڭ بىخەتەرلىكتىنمۇ بەكرەك ئىقتىسادىي رىقابەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر