ئامېرىكا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 2 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.

730951
ئامېرىكا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ماقۇللانغان قارارنامە توغرۇلۇق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە سېتىپ بېرىلىدىغان قورال – ياراغلارنىڭ 60 دانە  PAC-3  (<ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق ئانتى باشقۇرۇلىدىغان بومبا)، 100 دانە GEM-T  (تاكتىكىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى) ۋە كۆپ ساندا «ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر» دىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەلەپنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بۇ قورال – ياراغلارنىڭ قىممىتىنىڭ 2 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى، قورال – ياراغلارنىڭ پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە بېرىلىشىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ھاۋا مۇدائەسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىن تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر