دوررىئان، «PKK، ئامېرىكا قوللاۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەن سۆزىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى

دائېشقا قارشى خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىلىق پولكوۋنىك جون دوررىئان، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدىكى سۆزىنى ئۆزگەرتتى.

725674
دوررىئان، «PKK، ئامېرىكا قوللاۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەن سۆزىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېشقا قارشى خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىلىق پولكوۋنىك جون دوررىئان، سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىگە قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەتتە ئامېرىكا قوللاۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ بىر پارچىسىنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇررىئان، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا تۇرۇپ، تېلېفون ئارقىلىق ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى مۇخبىرلارنىڭ راققە ھەرىكىتىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ۋە ئۇنىڭ قوراللىق قانىتى ي پ گ نى كۆزدە تۇتقان ھالدا، «PKK، سۈرىيەدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللاۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەن سۆزى دىققەتنى تارتتى.

دوررىئان بىر مۇخبىرنىڭ «PKK، ئامېرىكا قوللاۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ بىر پارچىسى دېگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىغاندەك قىلدىم. جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن سوراۋاتىمەن» دېيىشىدىن  كېيىن، «شۇنداق دېدىممۇ؟ ي پ گ دېدىم» دەپ سۆزلىرىنى تۈزەتتى.

باياناتچى دوررىئان، تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە دابىققا ئوخشاش دائېشقا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم كۆپلىگەن جاينىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «دائېشقا قارشى كۈرەشتە ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى مۇھىم» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن پولكوۋنىك جون دوررىئان، راققە رايونىدا 3 – 4 مىڭ ئەتراپىدا دائېش ئەزاسى بار، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ھالدا، يەنە قىلىنىشى زۆرۈر بولغان ناھايىتى كۆپ ئىش بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر