ئامېرىكا ياۋروپاغا بارىدىغان پۇقرالىرىنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپاغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن ھوشيار بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

724186
ئامېرىكا ياۋروپاغا بارىدىغان پۇقرالىرىنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئوخشاش بولمىغان ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «فىرانسىيە، رۇسىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئەنگلىيەدە يۈز بېرىپ كەڭ خەۋەر قىلىنغان ھۇجۇملار، دائېش، ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭ ياۋروپا مىقياسىدا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلاپ ئىجرا قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېيىلدى.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ 2017 – يىلى 1- سېنتەبىرگىچە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، خۇسۇسەن ساياھەتچىلەر كۆپلەپ بارىدىغان رايونلار، قاتناش لىنىيەلىرى، سودا مەركەزلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى ھۇجۇم نىشانلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان ھالدا، بولۇپمۇ ياز مەزگىلىدە بۇ جايلارغا قىلىنىۋاتقان ساياھەتلەردە ھوشيار بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر