ئامېرىكا رۇسىيە چېگراسىغا F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتتى

ئامېرىكا رۇسىيە چېگراسىغا ئەنگلىيەنىڭ لېيكنھىس بازىسىدىن F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتتى.

720690
ئامېرىكا رۇسىيە چېگراسىغا F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ لېيكنھىس بازىسىدىن ئېستونېيەنىڭ ئامارى ھەربىي بازىسىغا ئىككى دانە F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن 20 ھەربىي خادىم ئەۋەتكەن.

بەشىنچى ئەۋلاد يېڭى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياۋروپادىكى تۇنجى مەشقلەرگە قاتنىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ خېلى بۇرۇنلا تۈزۈلگەن پىلان ئىدى، ھازىرقى ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇ پىلان ئېستونىيەلىك ئىتتىپاقداشلىىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەمراھلىرىمىزغا ئامېرىكىنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلايدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بېرىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭدىن F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ياۋروپا ساھەسى بىلەن تونۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى A، B ۋە C قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

تۈركىيە قاتارلىق 9 دۆلەتنىڭ مالىيە تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئورتاق ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 2018 – يىلغىچە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى، تۈركىيەنىڭمۇ ئالدىن زاكاس قىلغان 107 دانە F-35  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن دەسلەپكى ئىككىسىنىڭ بۇ يىل تاپشۇرۇۋېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر