ئامېرىكا سۈرىيەلىك تەتقىقاتچىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ئامېرىكا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك 271 سۈرىيەلىكنى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

719879
ئامېرىكا سۈرىيەلىك تەتقىقاتچىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن بەششار ئەسەد كۈچلىرى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز، جۈملىدىن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىشلىرى تۈپەيلى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى جازالاندۇرۇش نىيىتىمىز بار.»

بۇ دائىرىدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبتە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك  سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق سۈرىيە ئىلمىي پائالىيەتلەر ۋە تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ 271 خادىمى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ 4 – ئاپرېل كۈنى ئىدلىبتە ئېلىپ بارغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا يۈزدىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 500 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.

ۋاشىنگتون سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان ئايروپىلانلار قونۇپ قوزغىلىدىغان شۇئەيرات ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر