ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى سۈركىلىش داۋام قىلماقتا

شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق داۋام قىلماقتا.

719923
ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى سۈركىلىش داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيەلىك ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلىپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورېيە، بۈگۈن ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋونسان شەھىرىدە ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان بولۇپ، مانېۋىرغا كىم جوڭ-ئۇننىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى بىر يادرو قورالى ياكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا سۆز – چۆچەكلەر تارقىلىۋاتقان بىر پەيتتە، يىرىكچىلىكنى ئۇلغايتىدىغان بىر ئىش جەنۇب تەرەپتە مەيدانغا كەلدى؛ ئامېرىكىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىغا يوللىغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ كەلدى.

USS مىچگان ناملىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ بۇساندىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا بارغانلىقى ئېلان قىلىندى. جەنۇبىي كورېيەدە چىقىدىغان «چوسۇن ئىلبو» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، USS مىچگان ناملىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىدا 154 دانە توماخاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن 60 كىشىلىك ئالاھىدە ھەرىكەت ئەسكىرى بار ئىكەن.

شىمالىي كورېيە بولسا، ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىشىگە «ئوچۇق – ئاشكارا ھەربىي پۇرسەتپەرەسلىك» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى رايونغا USS كارل ۋىنسون ئاۋىياماتكىسى ۋە باشقا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىمۇ يوللىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر