مۇسۇل ھەرىكىتى جەريانىدا مىڭلارچە ئىراق خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈدى
مۇسۇلنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىدا داۋام قىلماقتا.
718647
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان 8 مىڭغا يېقىن ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىراقنىڭ ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ ياردەم قىلماقتا. ئۆكتەبىر ئېيىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتە ھەممىدىن كۆپ ساقچىلار بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش خادىملىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.