ئامېرىكا پەشمەرگەگە قورال سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ۋاشىنگتوننىڭ ئىراقتىكى پەشمەرگە كۈچلىرىگە قورال سېتىپ بېرىشكە ئالاقىدار تەلەپنى ماقۇللىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

716905
ئامېرىكا پەشمەرگەگە قورال سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىراققا پەشمەرگە كۈچلىرى ئۈچۈن 295 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ باياناتىدا، قورال ۋە ھەربىي ئەسلىھەنى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقى، بۇ ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ قامدىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا، 2005 – يىلىدىن بۇيان چەتكە قورال سېتىش پىلانى دائىرىسىدە ئىراققا جەمئىي 22 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىشنى ماقۇللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر