ئامېرىكا: يەمەندىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش شەرت

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، يەمەندىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

716024
ئامېرىكا: يەمەندىكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش شەرت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماتتىسنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى سەئۇدى ئەرەبىستان بولدى؛ پايتەخت رىيادتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ماتتىس، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رايون ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەنپەئەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك  تايانچلىرىنىڭ بىر تۈۋرۈكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈشى توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

يەمەندىكى ۋەقەلەر ئۈستىدىمۇ توختالغان ماتتىس،  ئىراندىن ئېلىنغان ئىلغار راكېتامىيوتلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «يەمەندە ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ سانىغا قارايدىغان بولساق، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى پىكرىگە ئاسانلا كېلەلەيمىز» دېدى.

جېيمس ماتتىس، يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، ب د ت  غا قاراشلىق بىر مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى ۋە مەسىلىنىڭ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشىغا دائىر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ بىر ئىستراتېگىيەسىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى پۇقرالارنىڭ جانلىرىغا زامىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇزۇندىن بۇيان دەتالاش تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەنگە مۇداخىلە قىلىشىنى قوللىشىمۇ ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنىڭ بەس – مۇنازىرە قىلىنىشىغا سەۋەب بولماقتا.

ماتتىس، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن مىسىر، ئىسرائىلىيە، قاتار ۋە جىبۇتىدىمۇ زىيارەتتە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر