ئامېرىكا: خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيە ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېلى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

716141
ئامېرىكا: خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيە ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇنجى قېتىم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ قورقۇنۇچلۇق ئازاب – ئوقۇبەتلەرگە سەۋەب بولغانلىقىنى، جۈملىدىن تىنچلىق ئورنىتىش ۋە مۇرەسسەچىلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئاممىۋى ۋەھشىيلىككە تاقابىل تۇرۇشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرلىك ۋە مۇرەسسەچىلىك ئاساسىدا ھەمكارلىىشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن گۇتتېررېس، «بۇ كېڭەشنى يەنە بىر قېتىم سۈرىيە خەلقى تارتىۋاتقان چىدىغۇسىز ئازاب – ئوقۇبەتلەرگە خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە كۆرسىتىلىۋاتقان ھېچقانداق بىر تىرىشچانلىقنى بىكارغا كەتكۈزۈۋەتمەسلىككە چاقىرىمەن، ئەگەر بۇمۇ قولىمىزدىن كەلمىسە، ھەممىمىزگە نىسبەتەن تولىمۇ سەتچىلىك بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېلى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، كېڭەشنى سۈرىيە ۋە شىمالىي كورېيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ۋەھشىيلەرچە دەپسەندە قىلىدىغانلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.»

ھېلى ئېتنىك ۋە دىنىي ئايرىمچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىش ھارپىسىدا ھېلىنىڭ تەكلىپىگە رۇسىيە، خىتاي، مىسىر، ئېفىيوپىيە، قازاقىستان ۋە بولىۋىيە ئېتىراز بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر