خىتايدىن شىمالىي كورېيەگە تەتۈر تەستەك

خىتاي كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن پاكلاشنى داۋاملىق قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىدىغانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق شىمالىي كورېيەنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

716298
خىتايدىن شىمالىي كورېيەگە تەتۈر تەستەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي شىمالىي كورېيەنى رايوندا يىرىكچىلىكنى كۈچەيتىدىغان كۈشكۈرتۈش خاراكتېرلىك سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەلىك مەسئۇللارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا دائىر باياناتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىمالىي كوېيەنىڭ رايوندىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىدىغان ھەرقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتلەرىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى. 

لۇ كاڭ كورېيە يېرىم ئارىدا ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە سەزگۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورېيەلىك مەسئۇللارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا دائىر باياناتلىرىنىڭ رايوندا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى مۇزاكىرە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن لۇ كاڭ، خىتاينىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن پاكلاشنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر