نىگېرىيەدە 2 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى

ساقچى مەسئۇللىرى تۇتۇپ كېتىلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

710474
نىگېرىيەدە 2 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نېفىت رايونى ئاكۋا ئىبوم ئۆلكىسىدە 2 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى نامەلۇم قورالىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.

نىگېرىيە ساقچى باياناتچىسى جۇكۋۇ ئوكېچۇكۋۇ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا: «ئوننا يەرلىك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق رايوندا «BKS» قۇرۇلۇش شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 2 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى يەكشەنبە كۈنى ئەكەت شەھىردىكى مېھمانخانىسىدىن تۇتۇپ كېتىلدى» دېدى.

ساقچى مەسئۇللىرى تۇتۇپ كېتىلگەن تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

نىگېرىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ھېچبىر گۇرۇپپا ۋەقەنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

نىگېرىيەدە كىشىلەرنى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش ۋەقەلىرى پات – پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ۋەقەلەردە ئاساسەن قوراللىق گۇرۇپپىلارغا پۇل تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن كىىشلەر قويۇپ بېرىلىدۇ.

يانۋار ئېيىدىمۇ نىگېرىيەدە تۈركىيەلىك بىر ئوقۇتقۇچى، لاگوستىكى مەكتەپتىن 2 خادىم ۋە 5 ئوقۇغۇچى  بولۇپ، جەمئىي 8 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر