گېرمانىيە بەششار ئەسەدنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالايدۇ

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ستېففېن سېيبېرت ئەسەدنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى ئۆتكۈزگەن جىايەتلىرى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا پىلاندا يەنىلا ھاكىمىيەت بېشىدا بولۇشىنى قەتئىي ئويلاشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدى.

709566
گېرمانىيە بەششار ئەسەدنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ستېففېن سېيبېرت بەششار ئەسەد تەختتە ئولتۇرىۋىرىدىغانلا بولسا، شۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ تېپىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سېيبېرت پايتەخت بېرلىندا ئاخباراتچىلارغا بايانات بېرىپ، ئەسەدنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى ئۆتكۈزگەن جىايەتلىرى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا پىلاندا يەنىلا ھاكىمىيەت بېشىدا بولۇشىنى قەتئىي ئويلاشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدى.

سېيبېرت: «ئەسەدنىڭ  دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسنىڭ ئەتىلا ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈشمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى ۋە سۈرىيەدە سىياسىي بىر ئۆزگىرىش باسقۇچىنى باشلاش ھەققىدە گېرمانىيەنىڭ قولىدىن كېلىدىن ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى  تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ھەپتە ئاخىرى قىلغان سۆزىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرلىۋاتقان كۈرەشنىڭ ئالدىنقى پىلاندا ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا ئەسەدنىڭ تەقدىرىگە دائىر سۈرىيە خەلقىنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئامېرىكنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېيمۇ سۈرىيەدە ئەسەدلا بولىدىكەن، سىياسىي بىر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى تىلغا ئالغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر