ب د ت: مۇھاسىرە ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، سۈرىيەنىڭ راققە ۋە شەرقىي غۇتە رايونىدىكى 800 مىڭ پۇقرانىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

702888
ب د ت: مۇھاسىرە ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سۈرىيەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەت ۋە ياردەم خىزمەتلىرى توغرىسىدا چاقىردى؛ يىغىننىڭ مەتبۇئاتقا ئوچۇق قىسمىدا سۆز قىلغان ب د ت  نىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە جىددىي ئەھۋاللار كوردىناتورى ستېفېن ئوبرىئېن، «سۈرىيە كىرىزىسى 7 – يىلىغا قەدەم قويدى ۋە بىز ئىنساننىڭ قولى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسقا گۇۋاھ بولۇۋاتىمىز» دېدى.

سۈرىيەدىكى پۈتكۈل تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوبرىئېن، توقۇنۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋاتقان رايونلاردىكى پۇقرالارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا چاقىردى.

راققەدىكى ھەربىي ھەرىكەت ۋە توقۇنۇشلاردا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقان، يارىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئوبرىئېن، «راققە ۋىلايىتىدە داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر يۈزىسىدىن 400 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

توقۇنۇشلارنىڭ راققەنىڭ مەركىزىگە يېقىنلىشىشىنىڭ بۇ ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئوبرىئېن، پۈتكۈل تەرەپلەردىن خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ستېفېن ئوبرىئېن، سۈرىيەنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدىكى شەھەرلىرىدە ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانچە ناچارلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە «بولۇپمۇ 400 مىڭغا يېقىن پۇقرا ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتەدىكى خەۋپسىزلىك ۋە ئىنسانىي مەسىلىلەردىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دەپ كۆرسەتتى.

شەرقىي غۇتە ۋە دەمەشق تاغلىق رايونىدىكى توقۇنۇشلار يۈزىسىدىن مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان ئوبرىئېن، شەرقىي غۇتەدىكى 3 دانە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دوختۇرخانا بىلەن 17 سەھىيە مەركىزىنىڭ ھۇجۇملار نەتىجىسىدە پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئوبرىئېن، مۇھاسىرە ئاستىدىكى مەدايا، زەبەدانى، فۇئا ۋە كەفرەيادىن ئىبارەت تۆت بازاردىكى پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى بويىچە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، تەرەپلەرنىڭ 9 ئاي بويىچە ئۆزئارا توقۇنۇشماسلىق ۋە پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر