ب د ت رۇسىيەنى پۇقرالارنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيەنى پۇقرالارنىڭ تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

700402
ب د ت رۇسىيەنى پۇقرالارنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نامايىشچىلارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى توغرۇلۇق بايانات بېرىپ، پۇقرالارنىڭ تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت باش كاتىپى مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان ھەق رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى.

فارخان ھەق رۇسىيەدىكى نامايىشلاردا نۇرغۇن نامايىشچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پۇقرالارنىڭ تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

رۇسىيەنىڭ موسكۋا ۋە سائىت پېتېرسبۇرگ بولۇپ نۇرغۇن شەھىرىدە  ھەپتە ئاخىرى «خىيانەتچىلىككە قارشى كۈرەش فوندى»نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە پائالىيەتچى ئالېكسېي ناۋالنىي بىلەن باشقا ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

نامايىشلار باش مىنىستىر دىمىترى مېدۋېدېۋنىڭ خىيانەتچىلىك قىلغانلىقى توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلىنىشىغا قارىتا تەشكىللەندى.

ئامېرىكىمۇ رۇسىيەدە ئۆكتىچىلەر ئۇيۇشتۇرغان نامايىشلاردا 500دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.

رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا دائىرىلىرى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزگەنلەرنى بۇرۇنراق قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر