مېكسىكادا بىر شەھەرنىڭ پۈتكۈل ساقچىلىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى
مېكسىكىنىڭ جالىسكو ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئوكوتلان شەھىرىدىكى پۈتكۈل ساقچىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، قوراللىرى تارتىۋېلىندى.
692724
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچىلارنىڭ ئارىسىغا جىنايەتچىلەرنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ، مۇشۇنداق بىر قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
رەسمىي دائىرىلەر، بۇ ئىشقا ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى؛ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ساقچىلارنىڭ خىزمىتىگە قايتىپ – قايتمايدىغانلىقى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇئەييەنلىشىدىكەن.