« S-400تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق  S-400تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقلىرىنى، ئەمما تېخىچە ئىمزا باسقۇچىغا قەدەم قويمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

692222
« S-400تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىق ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا،  S-400تىپلىق يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، ئەمما تېخىچە كېلىشىم ئىمزالاش باسقۇچىغا قەدەم قويمىدۇق، بۇ ھەقتە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.»

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان S-400تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېدى.

يېقىندا موسكۋادا زىيارەتتە بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ S-400تىپلىق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر