ب د ت نىڭ ئاراكان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتچىسى ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ مەخسۇس دوكلاتچىسى ياڭخې لې بىرمادا ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كەلدى.

691266
ب د ت نىڭ ئاراكان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتچىسى ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۇچرىغان زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارنى ئىزچىل ھالدا دۇنيا كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرىش بىلەن تونۇلغان ب د ت  كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ مەخسۇس دوكلاتچىسى ياڭخې لې ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بايانات بېرىپ، ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىغا دائىر تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بوغۇزلىنىشى، ئەسكەرلەرنىڭ پۇقرالارغا قارا – قويۇق ئوق چىقىرىشى، ئوت قويۇپ بېرىلگەن ئۆيلەردە كىشىلەرنىڭ چۈشەلگەن ھالەتتە كۆيدۈرۈپ تاشلىنىشى، كىچىك بالىلارنىڭ ئوتقا تاشلىنىشى، كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرى ۋە جىنسىي زوراۋانلىق» دېگەندەك «قورقۇنچلۇق» ۋەقەلەرنى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرگەن ۋە دوكلاتلارنى تەييارلاپ ب د ت  غا سۇنغان لې، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە مەخسۇس مۇھاپىزەتچى ئاجرىتىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى قارىشىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان لې،ئالاقىدار تەرەپلەرنى يۈز بەرگەن جىنايەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلار توغرىسىدا، «تېز، ئەتراپلىق، مۇستەقىل، بىتەرەپ شۇنداقلا خەلقئارا سەۋىيەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا» غا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر