پ ك ك / پ ي د مۇنبىچتىن چېكىنىدۇ

رۇسىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سېرگېي رۇدسكوي تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ كونتروللۇقىدىكى مۇنبىچنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

684284
پ ك ك / پ ي د مۇنبىچتىن چېكىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇدسكوي رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلاردا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ مۇنبىچ ۋە ئەتراپىنى بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ چېكىنىپ چىقىش كېتىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە 3 – مارتتىن ئېتىبارەن دەمەشق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنبىچ ۋە ئەتراپىدا رەسمىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بەزى جايلارنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى، ئەمدىلىكتە بولسا پ ي د، ي پ گ بەزى جايلارنى بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكتە. بۇ ئەسلىدە پ ي د نىڭ دائېش ۋە بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا بىز ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سۆزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. قارىماققا بىر – بىرىگە دۈشمەندەك كۆرۈنىدىغان كۈچلەرنىڭ ئەسلىدە ئاسانلا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى شۇ بىرقانچە كۈنلۈك ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا تونۇپ يەتتۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر