ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىككى يېزىنى قولغا كىرگۈزدى

سۈرىيەدە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ھەلەبنىڭ ئەلباب ناھىيەسىدىكى توقۇنۇشلار جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىككى يېزىنى قولغا كىرگۈزدى.

683093
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىككى يېزىنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ساھە قوماندانلىرىدىن مۇھەممەد خاتىبنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆكتىچى قىسىملار ئەلباب ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى تەلتۇۋەيران ۋە قائارات يېزىسىنىڭ كونتروللۇقىنى پ ي د / پ ك ك دىن ئالغان.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئالدىنقى كۈنى ناھىيەنىڭ شەرقىي قىسىملىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن جايلارغا ، ئارقىدىن پ ي د / پ ك ك نىڭ كونتروللۇقىدىكى مۇنبىچقا يېتىپ بارغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە باشچىلىقىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە قولغا كىرگۈزۈلگەن ئەلباب ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان بەششار ئەسەد كۈچلىرى رەققەگە بارىدىغان يولنى توسۇۋالغان، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن دائېش بىلەن ئۆز ئارىسىغا ئارىلىق رايون شەكىللەندۈرگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھەلەبنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قايتۇرۇۋالغان رايونلاردا ياشاۋاتقان يۈزلەرچە ئائىلە ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردىن پاناھلىق تىلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر