تۈركىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدا يېڭى چېگرا ئېغىزلىرى ئېچىلىدۇ
تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا يېڭى چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىش نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدا قوبۇل قىلىندى.
673950
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇن تەكلىپىدىن خەلقئارالىق يولۇچىلار، ئەشيالار ۋە ئاپتوموبىل قاتنىشىدا ئىشلىتىلىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە دىلۇجۇ – ماكۇ قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى ۋە كاپىكۆي – رازى قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش نىشان قىلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ۋاندا كاپىكۆي (رازى)، ئاغرىدا گۈربۇلاق (بازارگان)، ھاققارىدا سېروۋ چېگرا ئېغىزلىرى بار ئىكەن.