ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەش سىياسىتىدە تۈركىيەنىڭ سىزىقىغا يېقىنلىشىشقا باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى سۈرىيەدىن تازىلاش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ سىزىقىغا يېقىنلىشىشقا باشلىدى.

668055
ئامېرىكا دائېشقا قارشى كۈرەش سىياسىتىدە تۈركىيەنىڭ سىزىقىغا يېقىنلىشىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇشىدىن كېيىن دائېشقا قارشى كۈرەش سىياسىتى قايتىدىن شەكىللەنمەكتە.

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرىدا، سۈرىيەدە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش قاتارلىق تۈركىيە ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان قاراشلار مۇھاكىمە قىلىنىشقا باشلىدى؛ دائېشقا قارشى كۈرەش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يىغىنىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق باش ئەلچىسى جېيمس جېفرىي كومىتېت ئەزالىرىغا دوكلات بېرىش جەريانىدا، راققە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ «تۈركىيەنى چەتتە قالدۇرۇپ ئەمەس، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى» نى ئەسكەرتكەن ھالدا، «تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ھەربىي بازىلىرى بولماي تۇرۇپ، دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ناھايىتى قىيىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر