ئامېرىكا - سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە مىنىستىرى شۇنداقلا تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

663185
ئامېرىكا - سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، ئىككى مىنىستىرنىڭ رىياد بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، «مىنىستىر ماتتىس، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دائېشقا قارشى خەلقئارا كۈرەشكە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن مۇداپىئە مىنىستىرىغا رەھمەت ئېيتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە ماتتىسنىڭ ئامېرىكا – سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە باش كۆتۈرگەن يېڭى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، «مىنىستىر ماتتىس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئورتاق قايغۇلارنى ياراتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بويىچە كېڭىشىشنى خالىغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر