مېكسىكا نېتانياھۇغا «چېگرا تېمى»سەۋەبىدىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ «چېگرا تېمى»نى قوللاپ تارقاتقان ئۇچۇر سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈردى.

662582
مېكسىكا نېتانياھۇغا «چېگرا تېمى»سەۋەبىدىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا چېگرىسىغا تام قوپۇرۇش لايىھەسىنى قوللاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا  ئۇچۇر تارقىتىشى سەۋەبىدىن مېكسىكىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇيىس ۋىدېگاراي، تېلېۋىسا قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرى سەۋەبىدىن مېكسىكا ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سورىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

ۋىدېگاراي بۇ مەسىلىنىڭ ئىزاھلىنىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى. نېتانياھۇ ئۆتكەن شەنبە كۈنى Twitter ئادرېسىدىن ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تولىمۇ ھەقلىق، مەن ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرىسىغا پۈتۈنلەي تام قوپۇرۇپ چىقتىم، بۇ  بارلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە توسالغۇ بولدى، بۇ تولىمۇ گۈزەل پىكىر بوپتۇ».

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «قانۇنسىز كۆچۈشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ۋە «چېگرا بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش» مەقسىتىدە مېكسىكا چېگرىسىغا تام قوپۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان پەرماننى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دونالد ترامپنىڭ پەرماننى ئىمزالىشىدىن كېيىن 25 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنىدىغان تامنىڭ چىقىمىنى كىمنىڭ ئۈستىگە ئالدىغانلىقى مەسىلىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرىك پېنا نىيتو تام چىقىملىرىنى قەتئىي تۆلىمەيدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغاندا، دونالد ترامپمۇ پېنا نىيتو بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۆزگىرىشتىن كېيىن پېنا نىيتومۇ «ئامېرىكىغا بارمايمەن»دەپ بايانات بەردى. ئارقىدىنلا ئىسرائىلىيەمۇ بۇ ئاينىڭ بېشىدا مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرىسىنىڭ بىر قىسمىغا «ئەقىللىق تام قوپۇرۇپ چىقىدىغانلىقى»نى جاكارلىدى.

ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 2 مىليون پەلەستىنلىك ياشاۋاتقان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئەتراپىغىمۇ 8 مېتىر ئېگىزلىكتە تام قوپۇرۇپ چىقىپ بۇ جايدا ياشىغانلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر