ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 2017 – يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى.

652437
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش يىغىننىڭ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى تەشكىل قىلدى. يىغىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر كۈن ئىلگىرى پارىژدا ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ياۋروپالىق مىنىستىرلار، مەسىلىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ باشلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى بىريۇسسېلدىمۇ تەكرارلىدى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان خۇلاسە دوكلاتىدا، ب د ت  كېلىشىملىرى دائىرىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر