ترامپنىڭ پۈتكۈل باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 20 – يانۋار كۈنى مەۋجۇت پىرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن پۈتكۈل باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

645820
ترامپنىڭ پۈتكۈل باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا چىقىدىغان «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دونالد ترامپنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 2016 – يىلى 23 – دېكابىردا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىغا يوللىغان مەكتۇپىدا، باراك ئوباما مەزگىلىدە تەيىنلەنگەن «مۇستەسناسىز پۈتكۈل باش ئەلچىلەرنىڭ 20 – يانۋاردا ۋەزىپىلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى» غا دائىر ئۇچۇرلار ئورۇن ئالغان.

بۇ سىياسەتنىڭ كۆپ ساندىكى مۇھىم دۆلەتلەردە «ئامېرىكا ئەلچىسى» كىرىزىسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى، پالاتانىڭ ماقۇللۇقىنىمۇ شەرت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، يېڭى باش ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلىشىنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭغا ئوخشاش بىر يوليورۇق بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، ئالدىنقى پىرېزىدېنت ئالمىشىش جەريانلىرىدا باش ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئالماشتۇرۇشى ئېھتىياجغا ۋە پىلانغا ئاساسەن ۋاقىتقا يېيىلغان ھالەتتە ھەل قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر