ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئەزالىق سۆھبەتلىرىنىڭ كېلەچىكىنى مۇزاكىرە قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ئىشلار كېڭىشى، تۈركىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئەزالىق سۆھبەتلىرىنىڭ كېلەچىكىگە دائىر مەسىلىلەرنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا مۇزاكىرە قىلدى.

630160
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەنىڭ ئەزالىق سۆھبەتلىرىنىڭ كېلەچىكىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلىكنىڭ 27 ئەزاسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، تۈركىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ مەۋجۇت ھالەتتە داۋاملىشىشىنى مەزمۇن قىلغان قارار، نۆۋەتچى باشلىق ئېلان قىلىدىغان بايانات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى. قاراردا، يېڭى سۆھبەت ساھەلىرىنىڭ ئېچىلىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە تاشلىغان ئىجابىي تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلچەملىرىگە ماسلاشقانلىقى ئەسكەرتىلگەن قاراردا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ئورگانلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.

كېڭەش، تۈركىيەنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ مۇھىم بىر ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. كېڭەش مەسئۇللىرى، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە تۈرك خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

قاراردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قوبۇل قىلىنغان PKK غا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. يەنە بىر تەرەپتىن ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سىيارتو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بىنورمال قەدەملەرنى تاشلاشتىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە مۆتىدىل يول تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن سىيارتو، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا مارت ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنى تىلغا ئالغان ھالدا، تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنى داۋالغۇتىدىغان ھەر قانداق بىر ۋەقەنىڭ ياۋروپا قىتئەسى ئۈچۈنمۇ ناچار ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو ئەزاسى تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ياۋروپا بىلەن ناھايىتى ئەستايىدىل ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋېنگىرىيەلىك مىنىستىر، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇھىم. تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىگە ھۆرمەت قىلىش، ياۋروپا ئۈچۈن خەۋپسىزلىك خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغان ھېسسىياتچان قارارلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم» دېدى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئالان دۇنكانمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي ئىشلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن تىۋىتتېر ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «يىغىندا، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدۇم. كۆپ سانلىق قوبۇل قىلدى، لېكىن بايانات توغرىسىدا بىرلىشەلمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر