دائېشنىڭ مۇسۇلدىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ سانى 650 دىن ئېشىپ كەتتى

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ غەربىي قىسىمىدا سادىر قىلغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 21 ئادەم ئۆلدى، 35 ئادەم يارىلاندى.

625491
دائېشنىڭ مۇسۇلدىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ سانى 650 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش مۇسۇلنىڭ ئۆزى چېكىنگەن رايونلىرىغا ئاپتوموبىل بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ ھازىرغىچە بۇ خىل ئۇسۇلدا سادىر قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ سانى 650 دىن ئېشىپ كەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق ئارمىيەسى تۈنۈگۈن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن يېڭى ھۇجۇم باشلىدى؛ ئەسسالام مەھەللىسىدىكى دوختۇرخانا بىناسى ئىراق كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى.

دائېش مەرگەنلىرىنىڭ جامەلەرنىڭ مۇنارلىرىغا چىقىۋېلىپ ئىراق ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغانلىقى توغرىسىدىمۇ خەۋەرلەر كەلمەكتە.

ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى باشىكا لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلىگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرى 17 – ئۆكتەبىردە مۇسۇلدىكى دائېش ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىگە ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر