ئىچكى موڭغۇلدا ئېغىر گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر كاندا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 32 ئىشچى ئۆلدى.
623282
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ چېفېڭ شەھىرىدىكى مەزكۇر كۆمۈر كان قازاسىنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، پارتلاش يۈز بەرگەندە كاندا 181 ئادەمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
نۇرغۇن كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى قازا يۈز بەرگەن جايدىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار نۆۋەتتە قازانىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.