جياڭشىدىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

جياڭشى ئۆلكىسى فىڭچىڭ شەھىرىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن قۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 74 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

617426
جياڭشىدىكى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى
çin askeri fabrika patlama.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن قۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 74 كە چىقتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جياڭشى فىڭچىڭ شەھىرىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سوۋۇتۇش مۇنارىنىڭ سۇپىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 40 تىن 74 كە چىققان. خارابىلىق ئاستىدىن چىقىرىلغان 68 جەسەتنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى 23 ياش، ئەڭ چوڭى 53 ياش ئەتراپىدا ئىكەن.

8-نويابىر ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى بىر ھەربىي فابرىكىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن 12 كىشىنىڭ خارابىلىق ئاستىدا جان ئۈزگەنلىكى ئېلان قىلىندى. ئەتراپتىكى بىنالارمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان پارتلاشتا يارىلانغان ئۈچ كىشىنىڭ ھازىرغىچە داۋالىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر