گىرېتسىيەدە مۇساپىرلار لاگېرىغا ئوت كەتتى

گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا جايلاشقان مورىئا مۇساپىرلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ئوت ئاپىتىدە 2 كىشى قازا قىلدى.

617410
گىرېتسىيەدە مۇساپىرلار لاگېرىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئارالدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا نائېنىق سەۋەب بىلەن پارتلاش يۈز بەرگەن.  ئارقىدىنلا لاگېرغا ئوت كەتكەن.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە 1 ئايال بىلەن  1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1 ئايال ۋە 1 بالا يارىلانغان. بالنېسقا ئېلىنغان يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

گاز پارتلاش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا كۆپ ساندا ئوت ئۆچۈرۈش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر