يەمەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا كۆپ ساندا كىشى قازا قىلدى

يەمەننىڭ تائىز ۋە مەغرىب شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى كۈچلەر بىلەن ھۇسىيرلار ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھەمدە ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىدا 34 كىشى ئۆلدى، ئونلا

617377
يەمەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا كۆپ ساندا كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت تەرەپدارى خەلق تىركىشىش كۈچلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تائىزنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھۇسىيلار ۋە ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرىدىن 23 كىشى ئۆلگەن، ئونلارچە كىشى يارىلانغان. ھۆكۈمەت كۈچلىرىدىنمۇ 2 كىشى قازا قىلغان، 11 كىشى يارىلانغان.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇسىيلارنىڭ تائىزنىڭ ئەلئەشرەف رايونىغا جايلاشقان ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە قىلغان توپ ھۇجۇملىرىدا بىر ئائىلىدىن 2 كىشى ئۆلگەن، 3 كىشى يارىلانغان. ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئايروپىلانلىرىنىڭ مەغرىب شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدا ھۇسىيلارغا ئائىت بىر چارلاش ئاپتوموبىلىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 7 مىلىتان ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر