فىرانسىيە تېررورچىلارنىڭ قانىلىغا قويغان چەكلىمىنى بىكار قىلدى
فىرانسىيە تىجارەت مەھكىمىسى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېررورلۇق تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن نىڭ تارقىتىش بېرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.
611953
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئىيۇتېلسات سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق تارقىتىش بېرىدىغان سىتوكھولم مەركەزلىك <نەۋرۇز ت ۋ> نىڭ تارقىتىشلىرى رادىيو – تېلېۋىزىيە ئالىي ئورگىنىنىڭ تېررورىزم تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تاقىۋېتىلىشى ئۈچۈن ئىيۇتېلساتقا ئىلتىماس سۇنۇشىدىن كېيىن، شىركەت تەرىپىدىن توختىتىۋېتىلگەنىدى.
تىجارەت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا <نەۋرۇز ت ۋ> نىڭ تارقىتىشلىرىنىڭ دەرھال باشلىنىشى تەلەپ قىلىندى.
ئىيۇتېلسات سوتنىڭ قارارىغا رىئايە قىلمىغان تەقدىردە، كۈنلۈك 10 مىڭ ياۋرو جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىمۇ قارارغا ئىلاۋە قىلىندى.