تالىبان ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

تالىبان، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى پايدىلىنىۋاتقان پايتەخت كابۇلنىڭ 50 كىلومېتىر يىراقلىقىدىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

609646
تالىبان ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ باگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 4 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى؛ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر پارتلاشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ، ئۆلگەن 4 كىشىنىڭ ئىككىسىنىڭ ئەسكەر، قالغان ئىككىسىنىڭ بازىدا ئىشلەيدىغان قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا يەنە 16 ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتو دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر پولشالىق ئەسكەر يارىلاندى.

پايتەخت كابۇلدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان باگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندا ئىشلىتىۋاتقان ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى بولۇپ، ئىزچىل تۈردە تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۆتكەن ئايدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدا ئامېرىكىلىق 6 ئەسكەر ئۆلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر