«يەمەن كىرىزىسى پۈتكۈل رايوننى زىلزىلىگە سېلىشى مۇمكىن»

«يەمەندىكى ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەر كېچىكمەستىن تىنچلىق ئورناتمىسا، دۆلەت پۈتكۈل رايوننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان شەكىلدە ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.»

601949
«يەمەن كىرىزىسى پۈتكۈل رايوننى زىلزىلىگە سېلىشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  باش كاتىپىنىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىنى ستېفېن ئوبرىئان، «يەمەندىكى ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەر كېچىكمەستىن تىنچلىق ئورناتمىسا، دۆلەت پۈتكۈل رايوننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان شەكىلدە ۋەيران بولۇشى مۇمكىن.» دەپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

يەمەن ۋەزىيىتى توغرىسىدا  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات بەرگەن ئوبرىئان، ئۇرۇشنىڭ دۆلەتنى يىمىرىلىشكە ئىتتىرگەنلىكىنى، ئۈستقۇرۇلما، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتكە تەئەللۇق بىرەر نەرسە قالغان بولسا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تىنچلىققا جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى. يەمەننىڭ 21 مىليونلۇق نوپۇسىنىڭ ياردەملەرگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، 370 مىڭى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 2 مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىق گىردابىغا دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوبرىئان، نوپۇسنىڭ %80 ىنىڭ ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خولېرا خەۋپىنىڭمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىستېفان ئوبرىئان، 61 كىشىنىڭ خولېراغا دۇچار بولغانلىقىنى، 1700 بىمارنىڭ خولېراغا دۇچار بولغان بولۇشىدىن شۈبھىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ب د ت  يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى ئىسمائىل شەيخ ئەھمەدمۇ، يەمەن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۈنۈمسىز ئاخىرلىشىشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ سىياسەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق ئورنىتىش پىلانىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «يەمەن خەلقى يەنە قاچانغىچە خۇسۇسىي ئىختىراسلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇپ كېلىۋاتقان بۇ مەسئۇلىيەتسىز سىياسەتچىلەرنىڭ قولىدا گۈرۈدە تۇرىدۇ» دەپ سورىدى.

يەمەندە پىرېزىدېنت ئابدۇراببۇ مەنسۇر ئەلھادى تەرەپدارلىرى بىلەن ئىسيانچى ھۇسىي قوراللىقلىرى ئارىسىدا 18 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا، 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر