سەپەردە ئۆلۈپ كېتىۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ سانى بارغانچە ئاشماقتا
بۇ يىل ئاق دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا ماڭغان مۇساپىرلار ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى كۆرىنەرلىك ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2016-يىلى دېڭىز يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدىغان مۇساپىر سانى ئازايغان بولسىمۇ لېكىن قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا 3 ھەسسە كۆپەيگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كومىسسارلىقى باياناتچىسى ۋىليام سىپىندلېر، ب د ت جەنۋە ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئاق دېڭىزدا قازا قىلغان مۇساپىر سانىنىڭ 3740 ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سىپىندلېر 2015-يىلى ئاق دېڭىزدا قازا قىلغان مۇساپىر سانىنىڭ 3711 ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، بۇ يىل توشقىلى ئىككى ئاي قالغان بولسىمۇ 2016-يىلنىڭ مۇساپىرنىڭ ئۆلۈملىرى جەھەتتىن «ئەڭ يامان يىل»بولغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇلتۇر ئاق دېڭىزدىن ياۋروپا ساھىللىرىغا 1 مىليون 15مىڭ 780 مۇساپىرنىڭ بارغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سىپىندلېر، 2016-يىلى بۇ ساننىڭ 327مىڭ 800 ئەتىراپىدا بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سىپىندلېر 2015-يىلى ھەر 269 مۇساپىردىن بىرىنىڭ ئاق دېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئەكسىچە، بۇ يىل بۇ ساننىڭ 3 ھەسسە ئېشىپ ھەر 88 مۇساپىردىن بىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ئەھۋالىنى كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.