بان كىمۇن: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

594110
بان كىمۇن: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ھەلەبنىڭ ئاسمىنىدىكى ئايروپىلانلىرىنى يەرگە قوندۇرۇشقا چاقىردى.

بان كىمۇن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيەنىڭ رەت قىلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كانادا باشچىلىقىدا تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 تىن ئارتۇق دۆلەت قاتناشقان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ 23-سېنتەبىر ھەلەبتە باشلانغان شىددەتلىك بومباردىمانلاردىن كېيىن، تەخمىنەن 500 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ تۆتتىن بىرىدىن كۆپىنىڭ كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ 7-ئىيۇلدىن بۇيان ھەلەبنىڭ شەرقىگە ب د ت نىڭ ھېچقانداق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىنىڭ كىرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاچارچىلىقنىڭ ئۇرۇش قورالى قىلىپ قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ھەلەبتىكى بومباردىمانلىرىنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى، بىراق بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ: «سرېبرېنىتسا ۋە رۇۋاندادىن ھېچقانداق ساۋاق ئالمىدىڭلارمۇ؟ دېگەن سوئالغا دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ: «سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەلەب ئاسمىنىدىكى بارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى يەرگە قوندۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئاشقۇنلۇقلارنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە بۇلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىخەتەر بولغان نازارەت قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى كېرەك دېدى.

ئۇ سۈرىيەدە دىققەتنى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھېچقانداق دۆلەتنىڭ كېلەچىكى بىر كىشىنىڭ تەقدىرىگە باغلىنىپ قالماسلىقى لازىم» دېدى.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا تېلېكامېرا ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ داۋاملىق بومباردىمانلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىپ: «خەلقئارالىق جەمئىيەت بىرلىشىپ، سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان قەتلىئاملارنى توختاتمىساق ۋە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە تاپمىساق، ئۆلۈم-يېتىم كۆپىيىدۇ، مەسىلىلەر بىزنىڭ ياقىمىزنى قويۇپ بەرمەيدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ۋە سۈرىيە ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەلەبتىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئۆز ئالدىغا توختىتىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ، بومباردىماننىڭ بىر قانچە كۈن توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەلەب خەلقى ۋە بىزمۇ بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق»

ئۇ، ئەگەر «ئىنسانپەرۋەرلىك توختاش» تىن كېيىن، ھاۋا ھۇجۇمى يەنە باشلانسا، ھەلەب ئىككى ئاي ئىچىدە يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قايتىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەلەبتە توقۇنۇش ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى توختىتىش، ئەلنۇسرانىڭ ھەلەبنى تەرك ئېتىشى ۋە قورشاۋلارنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر