ب د ت مۇسۇلدىن قېچىپ چىققان پۇقرالار ئۈچۈن جىددىي ياردەم چاقىرىقىدا بولدى

مۇسۇلغا يېقىن جايدا ھازىرچە 60 مىڭ كىشلىك پاناھلىنىدىغان جاي بارلىقى، بۇ ساننى دەرھال 250 مىڭغا چىقىرىش لازىملىقى تەكىتلەندى.

593974
ب د ت مۇسۇلدىن قېچىپ چىققان پۇقرالار ئۈچۈن جىددىي ياردەم چاقىرىقىدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلانغان 17 – ئۆكتەبىردىن بۇيان 5640 كىشىنىڭ ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمەتلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە مۇسۇلنىڭ جەنۇبىدىكى كاييارا رايونىدا، يەنە بىر قىسمىغا ئەربىل ئەتراپىدىكى دەباگادا تەييارلانغان پاناھلىنىش مەركەزلىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مۇسۇلغا يېقىن جايدا ھازىرچە 60 مىڭ كىشلىك پاناھلىنىدىغان جاي بارلىقى، بۇ ساننى دەرھال 250 مىڭغا چىقىرىش لازىملىقى تەكىتلەندى. ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ يېمەك–ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي ۋە سەھىيە خىزمەتلىرى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى، توقۇنۇشلارنىڭ نوپۇس زىچ رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ۋە مۇسۇلدىكى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلاردا ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «كېلەر ھەپتە ئىچىدە 200 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قېلىشى مۇمكىن. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئەڭ يامان مۆلچەرلىگەندە 1 مىليون كىشى مۇسۇلنى تاشلاپ چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشى ۋە بۇلاردىن 700 مىڭ كىشىگە پاناھلىنىدىغان جاي يېتىشمەي قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى.

 مۇسۇلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە قىسىملىرى ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى باشىكا لاگېرىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيلەپ يېتىشتۇرگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17 – ئۆكتەبىر كۈنى بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر